ۋولكسۋاگېن چېڭدۇدىكى فابرىكاسىنى ئىشلەپچىقرىشتىن توختاتتى

گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ۋولكسۋاگېننىڭ (Volkswagen) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا (Kovid-19) مۇناسىۋەتلىك چەكلىمە تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن چېڭدۇ شەھىرىدىكى فابرىكاسىنى ئىشل؛ەپچىقىرىشتىن توختاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

1912068
ۋولكسۋاگېن چېڭدۇدىكى فابرىكاسىنى ئىشلەپچىقرىشتىن توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ۋولكسۋاگېن خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە يولغا قويۇلغان چەكلىمە تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن چېڭدۇ شەھىرىدىكى فابرىكاسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توختاتتى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى دولقۇنى سەۋەبىدىن ۋولكسۋاگېننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى فابرىكاسىدا ئشىلەپچىقىرىش ۋاقىتلىق توختىتىلغان. ئەمما، خىتايدىكى يەنە بىر فابرىكاسىدا ئىشلەپچىقىرىش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن خىتايدىكى ۋولكسۋاگېن فابرىكالىرىنىڭ خىزمەت شەكلىدە ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر