نۇرەتتىن نەباتى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەتتىن نەباتى ئىسلام تەرەققىيات بانكاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل جاسىر بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەتتىن نەباتى تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، 28 – 29- نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىق دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئىسلام تەرەققىيات بانكاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل جاسىر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر نەباتى ئۇچرىشىشنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىسلام تەرەققىيات بانكاسى ۋە دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ھەمكارلىقتىن مەمنۇن بولغانلىقىمىزنى تىلغا ئالدۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلىتىمىزنىڭ بانكانى قوللايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى بىلەن سۇنغان مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزدۇق» دېدى.