رۇسىيەنىڭ ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى قىسمەن توختىدى

رۇسىيە نېفىت تۇرۇببىسى باشقۇرۇش ئورگىنى ¬— ترانسنېفت، ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا نېفىت يۆتكەش مۇلازىمىتىنىڭ قىسمەن توختىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1910290
رۇسىيەنىڭ ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى قىسمەن توختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ترانسنېفت» رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — تاسقا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا نېفىت يۆتكەيدىغان درۇژبا لىنىيەسىنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ قىسمەن توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ۋېنگىرىيەگە يەتكۈزۈلىدىغان نېفىتنىڭ پۈتۈنلەي توختىغانلىقى، چېخىيە بىلەن سلوۋاكىيەگە ئەۋەتىلىدىغان نېفىتنىڭ سىلوۋاكىيەدىكى نېفىت ئامبارلىرى سايىسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 15-نويابىر درۇژبا تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، ئەرتىسى ئەسلىگە كەلتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر