رۇسىيە ئىقتىسادىي چېكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى

رۇسىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %4 تۆۋەنلەپ چېكىنىش باسقۇچىغا كىردى.

1907278
رۇسىيە ئىقتىسادىي چېكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %4.1 تۆۋەنلىگەن رۇسىيە ئىقتىسادى، ئۈچىنچى چارىكىدە %4 تۆۋەنلىدى. شۇنداق قىلىپ، رۇسىيە ئىقتىسادى ئۇدا ئىككى چارەك ئارقا – ئارقىدىن تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش باسقۇچىغا كىردى.

رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى، دۆلەت  ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %2.9 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى ئىقتىسادنىڭ %3 بىلەن %3.5 ئارىلىقىدا تۆۋەنلىشىنى تەخمىن قىلماقتا.

غەرب ئەللىرى، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە كەك دائىرىلىك جازا يۈرگۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر