رۇسىيە نېفىتىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ۋېنگىرىيەگە يەتكۈزۈش توختىتىلدى

رۇسىيە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى باشقۇرغۇچىسى — Transneft، ئۇكرائىنانىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ ۋېنگىرىيەگە بارىدىغان رۇسىيە نېفىتلىرىنىڭ ئېقىشىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1907075
رۇسىيە نېفىتىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ۋېنگىرىيەگە يەتكۈزۈش توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Transneft رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق ۋېنگىرىيە تەرەپكە نېفىت يەتكۈزۈپ بېرىدىغان درۇژبا لىنىيەسىنىڭ مەشغۇلاتىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ توك بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، مەزكۇر لىنىيەدىن نېفىت يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى Transneft غا مەلۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر