ئۇگاندادا «ھالال بانكا ھېساباتى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئۇگاندادا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تراست بانكىسىنىڭ سودا تەرەققىيات ئىشلىرى مەسئۇلى پېرسى لۇبېگا، شىركەت قارمىقىدا «ھالال بانكا ھېساباتى» نى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1895887
ئۇگاندادا «ھالال بانكا ھېساباتى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇبېگا، بۇ ئارقىلىق  ئۇگاندادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆسۈمسىز بىر شەكىلدە بانكىدىن كىرېدىت ئالالايدىغانلىقىنى، «ھالال بانكا ھېساباتى» نىڭ بۇ دۆلەتتە  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇگاندالىق كارخانىچى خاھ كېرىم كاللىسا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھالال بانكا ھېساباتى» نىڭ پەقەت مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر