ئەل سانى: «تۈركىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز»

قاتارنىڭ سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ھامىد بىن قاسىم ئەل سانى دۆلىتىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن بولغان ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ماختىدى.

1893347
ئەل سانى: «تۈركىيە بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەل سانى تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «QNA» غا بايانات بەردى.

مىنىستىر ئەل سانى قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئورتاق كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ماختىدى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ سودا مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئاكتىپ ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «2014-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى %80 ئاشتى. بىز كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بۇنى 5 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى ھەمدە قاتارنىڭ تۈركىيەگە ئاساسلىقى خام ئاليۇمىن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە پلاستىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىن ئەڭ مۇھىم ئىمپورت قىلىۋاتقىنى بولسا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، ئۆي جاھازلىرى، گىلەم، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، سۈت ۋە  سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە زىبۇزىننەت بويۇملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەل سانى 2014 - يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق يۇقىرى ئىستراتېگىيىەلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىقتىساد، سانائەت، مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت، پىكرى مۈلۈك ھوقۇقى، مائارىپ ۋە ياشلار قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە 68 دىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەل سانى دۆلىتىنىڭ قاتار ئەركىن رايونلار ئورگىنى كونتروللۇقىدىكى ساھەلەر ئىچىدە «قاتاردا بىر تۈركىيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قەدەم ئارقىلىق تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ھىندىستان، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى قوشۇمچە بازارلارغا ئېرىشىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھامىد ئەل سانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا جۈمە كۈنى ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە 11 ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتنىڭ 8 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئالاقىدار بىرلەشمە بايانات ئىمزالانغان ئىدى.

قاتار گېزىتلىرىمۇ تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېتنىڭ 8 - نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى مەدھىيەلەيدىغان خەۋەرلەرنى باش بەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر