نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى

2022-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى بېن بېرنانكې، دوگلاس دايموند ۋە فىلىپ ديبۋىگقا بېرىلدى.

1890917
نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكالىق ئالىملاردىن بېن بېرنانكې، دوگلاس دايموند ۋە فىلىپ ديبۋىگ، بانكالار ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى بىلەن، 2022-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ئۈچ ئالىمنىڭ پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىللىرىدە بانكالارنىڭ ئىقتىسادتىكى رولىنى چۈشىنىشكە ھەسسسە قوشقانلىقى قەيت قىلىندى.

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارغا، ئالتۇن مېدالدىن باشقا 900 مىڭ دوللار نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ.

مۇكاپاتلار نوبېل مۇكاپاتلىرىنى تەسىس قىلغان ئالفرېد نوبېل ۋاپات بولغان 10-دېكابىر كۈنى ساھىبلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر