تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئېكسپورتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى
تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 14 مىليارد 258 مىليون دوللار بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
1890296
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئېكىسپورتى بۇ يىلقى 9 ئاي ئىچىدە، 2021 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %10.6 ئاشقان.
گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە ئېكسپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى%10.2 بولغان.
گېرمانىيەدىن قالسا 10 مىليارد 891 مىليون دوللار بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى، 9 مىليارد 270 مىليون دوللار بىلەن ئەنگلىيە ئۈچىنچى، 8 مىليارد 404 مىليون دوللار بىلەن ئىتالىيە تۆتىنچى، 7 مىليارد 500 مىليون دوللار بىلەن ئىراق بەشىنچى بولغان.
بۇيىلقى 9 ئاي ئىچىدە، 3 مىليارد 231 مىليون دوللار بىلەن گېرمانىيەگە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان ساھە، ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسى بولغان.