تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى  سېنتەبىردە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 9.2 ئېشىپ، 22 مىليارد 616 مىليون دوللارغا يەتتى.

1888256
تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

بۇ دائىرىدە، ئومۇمىي سودا سىستېمىسى (GTS) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سېنتەبىر ئېيىدا ئېكسپورت ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 9.2 ئېشىپ، 22 مىليارد 616 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، ئېكىسپورتنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى ئىكەن.

سېنتەبىر ئېيىدا ئەڭ كۆپ ئېكىسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر، نۆۋەت بىلەن، گېرمانىيە 2 مىليارد 2 مىليون دوللار بىلەن بىرىنچى، ئامېرىكا 1 مىليارد 378 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى، ئىراق 1 مىليارد 277 مىليون دوللار بىلەن ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر