ئىران - تۈركىيە تەبىئىي گاز تۇرۇببىسى رېمونت قىلىنىدۇ

ئىران-تۈركىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىكى گاز يۆتكەش مەشغۇلاتى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە توختىتىلىدۇ.

1887155
ئىران - تۈركىيە تەبىئىي گاز تۇرۇببىسى رېمونت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تۇرۇبا ۋە بېنزىن ترانسپورتى شىركىتى — بوتاش بايانات ئېلان قىلىپ: «10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىران-تۈركىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن، گۈربۇلاق كىرىش نۇقتىسىدىن بىزنىڭ يەتكۈزۈش تورىمىزغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلمەيدۇ. رېمونت قىلىش جەريانىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر