نورۋېگىيە گازىنى پولشاغا ئېقىتىدىغان بالتىق تۇرۇببا لىنىيەسى مەشغۇلات باشلىدى

نورۋېگىيە تەبىئىي گازىنى دانىيە ئارقىلىق پولشاغا توشۇيدىغان «بالتىق دېڭىزى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى»دىن گاز يۆتكەش باشلاندى.

1887156
نورۋېگىيە گازىنى پولشاغا ئېقىتىدىغان بالتىق تۇرۇببا لىنىيەسى مەشغۇلات باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ «گاز – سيستېم» شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيە تەبىئىي گازىنى دانىيە ئارقىلىق پولشاغا يەتكۈزۈش 1 - ئۆكتەبىردىن تارتىپ رەسمىي باشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بۈگۈن ئۇ تارىخىي كۈن! بالتىق تۇرۇبىسىدىن گاز يۆتكەش باشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نورۋېگىيەدىن پولشاغا يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇيدىغان بۇ تۇرۇبا يولى 27-سېنتەبىر دە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر