دۇنيا بانكىسى ئۇكرائىناغا 530 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

دۇنيا بانكىسى ئۇكرائىنانىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ئۈچۈن 530 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1887129
دۇنيا بانكىسى ئۇكرائىناغا 530 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسىنى ئەنگلىيە (500 مىليون دوللار) بىلەن دانىيە (30 مىليون دوللار)نىڭ قەرز كاپالىتى ئارقىلىق قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 24-فېۋرال رۇسىيە ئاچقان ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىناغا جەمئىي 530 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

مەزكۇر مەبلەغنىڭ ساغلاملىق، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەرگە سەرپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دۇنيا بانكىسىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۇكرائىنانى تەخمىنەن 13 مىليارد دوللار جىددىي ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر