ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سېنتەبىر ئېيىدا 94.3 بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلاپ قالدى.

1886334
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سېنتەبىر ئېيىدا 94.3 بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلاپ قالغان.

تۈركىيەنىڭ ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى بولسا،  9-ئايدا ئايلىق نىسبەتتە % 0.3 ئېشىپ، 72.4 كە يەتكەن.

مۇلازىمەت كەسپى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 1.7 ئېشىپ، 118.2 گە، پارچە سېتىش سودا ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 2.7 ئېشىپ، 115.9 كە، قۇرۇلۇش كەسپى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 2.1 ئېشىپ، 88.1 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر