دۇنيا بانكىسى باشلىقى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا دۇچ كېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى

دۇنيا بانكىسى باشلىقى دېيۋىد مالپاس ياۋروپا پۇل بىرلىكى ياۋرونىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1886410
دۇنيا بانكىسى باشلىقى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا دۇچ كېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېيۋىد مالپاس ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن بىر قاتار كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ تەخىرسىز خەۋپنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىدىكى گەۋدىلىك ئاستىلاشنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىشكە ئايلىنىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى پەسلىدە چېكىنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كوۋىد-19 غا قارشى كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭمۇ ئاستىلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپانىڭ بولسا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېچىشى بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن دېيۋىد مالپاس: «ياۋرونىڭ ئاجىزلىقى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ياۋروپادا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇردى ھەمدە ياۋرو رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىمۇ چەكلەپ قويدى» دېدى.

مالپاس، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى پۇل پاخاللىقى، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىدىكى ئاستىلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، يەر شارى ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ خورىشى ۋە يۇقىرى ئۆسۈم نىسبەتلىرىگە ئوخشاش يۈزلىنىشلەرنىڭ 2023 – يىلىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يەر شارى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىدا رۇسىيەگە بېقىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ تۇراقسىزلىق خەۋپى ياكى تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى دەۋرىنى ئۇزارتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر