ياپونىيە رۇسىيەدىكى تويوتا زاۋۇتىنى تاقىدى

ياپونىيە ئاپتوموبىل شىركىتى تويوتا رۇسىيەدىكى زاۋۇتىنى تاقىدى.

1884594
ياپونىيە رۇسىيەدىكى تويوتا زاۋۇتىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تويوتانىڭ ساينىت پېتىرسبۇرگ شەھىرىدىكى زاۋۇتىنى تاقىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىركەتنىڭ زاۋۇت خادىملىرىغا بولغان مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقى ۋە رۇسىيەدە ئاپتوموبىل سېتىشتىن كېيىنكى قوشۇمچە مۇلازىمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، تويوتانىڭ رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنمىگەنلىكى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك زاپچاسلارنى تەمىنلەشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن زاۋۇتنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر