ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى سېنتەبىردە ئايلىق نىسبەتتە % 0.3 ئېشىپ، % 72.4 كە يەتتى.

1883343
ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركەز بانكىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل چىقىم قىلىشىغا دائىر راي سىناش» نەتىجىلىرىدىن ھېسابلانغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى، سېنتەبىردە ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 9% 0.3 ئاشقان. ئاۋغۇستتا % 72.2 بولغان بۇ كۆرسەتكۈچ سېنتەبىردە % 72.4 كە يەتكەن.

كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە چىداملىق بۇيۇملارغا چىقىم قىلىشنى ئويلاش كۆرسەتكۈچى ئاۋغۇستتا % 89.8 بولۇپ،  سېنتەبىردە % 1.3 ئېشىش بىلەن  % 91 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر