تۈركىيەنىڭ تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ئېكىسپورتتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا 14 مىليارد 248 مىليون دوللارلىق ئېكىسپورت بىلەن تارىخىدىكى  1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت نىسبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

1882716
تۈركىيەنىڭ تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ئېكىسپورتتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021-يىلى ئاۋغۇستتا 1 مىليارد 736 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى %6.1 ئېشىپ، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئېكسپورت نىسبىتىنى  1 مىليارد 842 مىليون دوللارغا يەتكۈزگەن.

تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ئېكسپورتى 2022 -يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان 8 ئايلىق مەزگىلدە بولسا، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %10.9 ئېشىپ، 14 مىليارد 248 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان.  شۇنداق قىلىپ، بۇ ساھەدە تارىختىكى 1 -ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت نىسبىتى ئەمەلگە ئاشقان.

ئالدىنقى ئايدا بۇ ساھە بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان دۆلەت 314 مىليون دوللار بىلەن گېرمانىيە بولدى.

ئۇنىڭدىن قالسىلا ئىسپانىيەگە 256 مىليون دوللارلىق، ئەنگىلىيەگە 181 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ ساھە بويىچە 1-ئايدىن 8-ئايغىچە  بولغان 8 ئايلىق مەزگىلدە بولسا، گېرمانىيەگە 2 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق، ئىسپانىيەگە 1 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق، ئەنگىلىيەگە 1 مىليارد 400 مىليون دوللار ئېكسپورت ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئالدىنقى ئايدا 180 دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيە تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئېكسپورت دائىرىسىنى 212 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر