تۈركىيە شىركەتلىرى سارايېۋۇنىڭ يېڭى ترامۋاي قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پايتەختى سارايېۋۇدىكى يېڭى ترامۋاي لىنيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تۈركىيەنىڭ ئىككى شىركىتى ئۈستىگە ئالدى.

1882024
تۈركىيە شىركەتلىرى سارايېۋۇنىڭ يېڭى ترامۋاي قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پايتەختى سارايېۋۇدا ھازىرقى 22.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى باشچارشى-ئىلىدزا ترامۋاي لىنيەسىگە قوشۇمچە ياسىلىشى پىلان قىلىنغان 12.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىلىدزا-خراسنىكا لىنيەسى قۇرۇلۇشىنى تۈركىيەنىڭ ئىككى شىركىتى ئۈستىگە ئالدى.

سارايېۋۇ قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ترامۋاي لىنيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىشنىڭ تاماملانغانلىقى، بۇ لىنىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىككى تۈركىيە شىركىتى تەرىپىدىن ياسىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، سارايېۋۇ قاتناش مىنىستىرى ئادنان سەتانىڭ شىركەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: «خراسنىكاغا تۇتىشىدىغان تىرامۋاي لىنىيىسى ئەمدى رىۋايەت ئەمەس. بۇ سارايېۋۇ ئۈچۈن چوڭ قۇرۇلۇش» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سارايېۋۇنى باشتىن-ئاخىر تۇتاشتۇرىدىغان ترامۋاي لىنىيەسى ھازىرقى ئىلدزا بېكىتىدىن داۋاملىشىدىغان شەكىلدە ياسىلىدۇ. يېڭى لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.9 كىلومېتىر دەپ بىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لىنيەدە 20 بېكەت ۋە ئىككى ئايلىنىش نۇقتىسىنىڭ ياسىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر