تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %7.6 ئاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK)، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكى (4-ئايدىن 6-ئايغىچە)گە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

1874211
تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %7.6 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK)، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكى (4-ئايدىن 6-ئايغىچە)گە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنچى چارەكلىك مۆلچەردىن ھالقىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش چارىكىگە سېلىشتۇرغاندا %7.6 ئاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەڭ يۇقىرى ئېشىش پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا پائالىيەتلىرى ساھەسىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، %26.6 گە يەتكەن.

مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %18.1؛ كەسپىي، مەمۇرىي ۋە قوللاش مۇلازىمىتى ساھەسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %11؛ سانائەت ساھەسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %7.8 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر