پۇتىن: پەيدا قىلىنغان مەسىلىلەرگە قارىماي، نېفىت ۋە گاز كىرىمىمىز ئېشىۋاتىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلەت ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1872367
پۇتىن: پەيدا قىلىنغان مەسىلىلەرگە قارىماي، نېفىت ۋە گاز كىرىمىمىز ئېشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا فېدېراتسىيە باج ئىدارىسى مەسئۇلى دانىل يېگوروف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا، رۇسىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا توختالدى.

پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىدىكى كىرىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يامان غەرەزلىك ۋە ھەسەتخور كىشىلەر بىزگە قارشى پەيدا قىلماقچى بولغان مەسىلىلەرگە قارىماي، خامچوتىمىز مۇۋاپىق سۈرئەتتە تولدۇرۇلماقتا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كىرىمىمىز ئاشماقتا. ئالاھىدە ياخشى بولغىنى، بىزنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سىرتىدىكى كىرىملىرىمىزنىڭمۇ ئاشقان بولۇشىدۇر» دېدى.

پۇتىن، دۆلەت ئىقتىسادىدىكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە بولسىمۇ مۇقىملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز خەۋپنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ خەۋپنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.

يېگوروفمۇ، رۇسىيەنىڭ فېدېراتسىيە خامچوتىدىكى باج كىرىمىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %32 ئېشىپ، 16 تىرىليون 900 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 284 مىليارد دوللار) غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر