ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن يېڭى سودا تەشەببۇسى دائىرىسىدە رەسمىي سۆھبەتنى باشلايدۇ

ئامېرىكا، خىتاي بىلەن جىددىيچىلىك ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە،  خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىدا تۇرۇۋاتقان تەيۋەن بىلەن يېڭى سودا تەشەببۇسى دائىرىسىدە رەسمىي سۆھبەتنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1869509
ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن يېڭى سودا تەشەببۇسى دائىرىسىدە رەسمىي سۆھبەتنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكى (USTR) تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ 21 - ئەسىردىكى سودىسىغا ئالاقىدار<ئامېرىكا-تەيۋەن تەشەببۇسى> دائىرىسىدە مۇزاكىرە ھوقۇقى توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا، بىرىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتنىڭ كۈزدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودىغا قولايلىق يارىتىش، تەرتىپكە سېلىش خاراكتېرلىقك بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ئۆلچەملىرى، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانچىلىق سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، سودىدا ئايرىمچىلىق خاراكتېرلىك توسۇقلارنى تۈگىتىش، دىجىتال سودا، ئەمگەك كۈچى ۋە مۇھىت ئاسراش ئۆلچەملىرى قاتارلىق تېمىلاردا پۇختا كۈنتەرتىپ بەلگىلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرتىپنى بۇزىدىغان قىلمىشلىرى بىلەن بازاردىن تاشقىرى سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكى (USTR) نىڭ باياناتىدا يەنە، ئامېرىكانىڭ مۇزاكىرە بويىچە پارلامېنت ۋە ئىشچىلار، سودا دۇنياسى، مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىلىرى ۋە باشقا مۇھىم مەنپەئەتدارلار بىلەن كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى سارا بيانچىنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن  باياناتتا يەنە، تەيۋەن بىلەن سودا ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئورتاق قىممەت قاراشلار ئاساسىدىكى ئۆزئارا سودىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋە خادىملار بىلەن كارخانىلار ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىدىغان سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇزاكىرىلەرنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن 1-ئىيۇندا (2022) ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يېڭى بىر تەشەببۇسنى باشلىغان ۋە بۇ دائىرىدىكى مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن يول خەرىتىسى تۈزۈش نىيەتلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ تەشەببۇس ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت يوللارنىڭ شۇنداقلا ئورتاق قىممەت قارشلارنى ئاساس قىلغان ۋە ئۆزئارا سودىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر