مالايشىيا فىرانسىيەدىن 20 دانە <A330> تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق يولۇچى ئايروپىلانى ئالىدىغان بولدى

مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتى فىرانسىيەنىڭ «Airbus» شىركىتىگە 20 دانە «A330» تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق يولۇچى ئايروپىلانى زاكاس قىلدى.

1868642
مالايشىيا فىرانسىيەدىن 20 دانە <A330> تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق يولۇچى ئايروپىلانى ئالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «لادېپې گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتى فىرانسىيەنىڭ «Airbus» شىركىتىگە 6 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 20 دانە <A330 Neo> يولۇچىلار ئايروپىلانى زاكاس قىلغان.

ئايروپىلانلارنىڭ 10 دانىسى بىۋاسىتە فىرانسىيە «Airbus» شىركىتىدىن سېتىۋىلىنىدىكەن، قالغان 10 ئايروپىلان «Avolon» ئايروپىلان ئىجارىگە بېرىش شىركىتى ئارقىلىق ئىجارىگە ئېلىنىدىكەن.

فىرانسىيە «Airbus» شىركىتى يانۋاردىن بۇيان جەمئىي  656 دانە زاكاس ئالغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر