نەمرۇت تېغىدا قۇياشنىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى تاماشا قىلىڭ
قۇياشنىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرگىلى بولىدىغان جاي نەمرۇت تېغى، زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
1868045
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادىيامان كاھتا ناھىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان ۋە «قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرگىلى بولىدىغان جاي» دەپ بىلىنىدىغان ب د ت، مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكونىڭ (UNESCO)دۇنيا مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن نەمرۇت تېغى، ھەپتە ئاخىرى (13-14-ئاۋغۇست) مىڭ زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى.
كومماگەنە پادىشاھلىقىغا تەۋە ئېگىزلىكى 50 مېتىر، كەڭلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان تۈمۈلۈس ۋە باشقا چوڭ ھەيكەللەر جايلاشقان 2 مىڭ 150 مېتىر ئېگىزلىكتىكى نەمرۇت تېغى ئۆرەن يەرى، قۇياشنىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
ئادىيامان مۇزېيىنىڭ مۇدىرى مەھمەت ئالكان بۇ يىل (2022) نەمرۇت تېغىنىڭ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «نەمرۇت تېغىدىكى تۈمۈلۈسنىڭ ئىچىدە پادىشاھ ئانتىيوچوسنىڭ قەبرىسى بار دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە قۇياشنىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى، ھەمدە غايەت زور ھەيكەللەرنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. ھەپتە ئاخىرى مىڭ كىشى نەمرۇت تېغىنى زىيارەت قىلدى. بەزى ساياھەتچىلەر مۇزىكا چالغاچ قۇياشنىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى كۆردى. يۇقۇمدىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.