تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى ئېكسپورتتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق خام ئەشيا ساھەسى بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 6 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىپ رېكورت ياراتتى.

1867605
تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى ئېكسپورتتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ساھە 2022 - يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە  بولغان ئارىلىقتا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %9.5 ئېشىپ، 6 مىليارد 119 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

شۇنداق قىلىپ تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق خام ئەشيا سانائىتى ساھەسى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت نىسبىتىنى ياراتتى.

ئالدىنقى ئاي، تۈركىيەدىن توقۇمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق خام ئەشياسى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 67 مىليون دوللار بىلەن ئىىتالىيە بىرىنچى، 43 مىليون 800 مىڭ دوللار بىلەن رۇسىيە ئىككىنچى، 39 مىليون 500 مىڭ دوللار بىلەن بېلورۇسىيە ئۈچىنچى بولدى.

بۇ يىل 7 ئاي ئىچىدە، ئىتالىيەگە 635 مىليون دوللارلىق، ئامېرىكاغا 340 مىليون دوللارلىق، ئىسپانىيەگە 323 مىليون دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر