سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئايلىق نىسبەتتە % 1.3،  يىللىق نىسبەتتە % 8.5 ئاشتى.

1867039
سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، ئىيۇن ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىيۇن ئېيىدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 8.5 ئاشقان.

سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، يىللىق نىسبەتتە % 8.4 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر