ئەدوغان سۇ ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۇ ئېلېكتر سىغىمىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى يېرىم ھەسسە ئاشۇرۇپ، 44 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن 110 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1866740
ئەدوغان سۇ ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۆلەت سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قۇرۇلۇشى تاماملانغان  34سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى»غا قاتناشتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ توك تارقىتىش ئىقتىدارىغا يىلىغا 1 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېقىن تۆھپە قوشىدىغان ئەڭ يۇقىرى توسما — يۈسۈفئەلىنىڭ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز يېقىنقى 20 يىلدا بۈگۈن خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنلىكىرىمىزنىمۇ قوشقاندا 605 يېڭى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىپ، جەمئىي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سانىنى 730 گە يەتكۈزگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر