تۈركىيەنىڭ ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
تۈركىيەدىن 11 ئايلىق مەزگىلدە تەخمىنەن 1.9 مىليارد دوللارلىق ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورت قىلىندى.
1863592

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارادېڭىز ئورمان ياڭىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورتىنىڭ مىقدارى ۋە كىرىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، يېقىنقى 11 ئاي ئىچىدە 322 مىڭ 596 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورت قىلىنغانلىقى، بۇنىڭدىن 1 مىليارد 895 مىليون 602 مىڭ دوللار كىرىم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىران بىر ئەتكەس يېقىلغۇ پاراخوتىنى قولغا چۈشۈردى
ئىران پارس قولتۇقىدا «ئەتكەس يېقىلغۇ» ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى.