يەتتە دۆلەت گۇرۇھى: رۇسىيەنىڭ نېفىت باھاسىدىن زور كىرىم يارىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز

تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى (G7) بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكالەتخانىسى، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە باھاسىدىن زور كىرىم يارىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1862977
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى: رۇسىيەنىڭ نېفىت باھاسىدىن زور كىرىم يارىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى؛ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيەنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغان خام نېفىتى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى خەلقئارالىق شېرىكلەر تەرىپىدىن بېكىتلىدىغان باھا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىنمىغان تەقدىردە، ئۇ مەھسۇلاتلارنى توشۇشقا ئالاقىدار دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە: «بىز بۇ ۋە باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرغاندا، ئەڭ ئاجىز ۋە (ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ) ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە بازارلىرىغا كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، چەكلەش تەدبىرلىرىمۇ نەزەرگە ئالىمىز» دېيىلدى.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر