ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈردى
ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى، ئۆسۈم نىسبىتىنى 75 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈپ، %2.25 - 2.50 ئارىلىقىغا چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قارارىنىڭ بارلىق ئەزالارنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا: «پۇل پاخاللىقى، كوۋىد-19 يۇقۇمى پەيدا قىلغان تەلەپ ۋە تەمىنلەش تەڭپۇڭسىزلىقىنى، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى، ۋە تېخىمۇ كەڭ باھا بېسىمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا يۇقىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى ئۈستىدە يۇقىرى يۆنىلىشلىك قوشۇمچە بېسىم پەيدا قىلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.