ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات 1 - ئايرودورۇمغا ئايلاندى

ئىستانبۇل ئايرودورۇمى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1333 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىغان ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودورۇمغا ئايلاندى.

1857673
ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات 1 - ئايرودورۇمغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <EUROCONTROL> نىڭ 13- ۋە 19-ئىيۇلدىكى ئۇنىۋېرسال باھالاش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودورۇمى پارىژ چارلېز دېگول ئايرودورۇمى ۋە ئامىستېردام شىپول ئايرودرومىنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ،  ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇمغا ئايلانغان.

ئانتاليا ئايرودورۇمى بولسا، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 937 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە7- ئورۇنغا ئۆتكەن.

مەزكۇر ئۇچۇش سانى بىلەن ئىستانبۇل ئايرودورومى دۇنيا بويىچە 8- ئەڭ ئاۋات ئايرودورۇمغا  ئايلانغان ۋە ئانتاليا ئايرودرومى بولسا، 40 -  ئەڭ ئاۋات ئايرودورۇم ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3526 نۆۋەتچى ئايروپىلان  ئۇچىدىغان  دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا بويىچە ئايروپىلان قاتنىشى ئەڭ يۇقىرى 6 – دۆلەتكە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر