ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تۆتىنچى رېئاكتورىنىڭ ئۇلى قويۇلدى

مەرسىننىڭ گۈلنار ناھىيەسىدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ (NGS) تۆتىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى رېئاكتورنىڭ ئۇلى مۇراسىم بىلەن قويۇلدى.

1857850
ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تۆتىنچى رېئاكتورىنىڭ ئۇلى قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەرسىننىڭ گۈلنار ناھىيەسىدە ئاككۇيۇ (ئاققۇيۇ) يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تۆتىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى رېئاكتورغا ئۇل قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ ئاككۇيۇدا دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقان يادرو ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى لايىھەلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ لايىھە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئاككۇيۇ جۇمھۇرىيىتىمىز تارىخىدىكى بىر تۈر بويىچە سېلىنغان ئەڭ چوڭ مەبلەغ ھېسابلىنىدۇ. لايىھە ئاخىرلاشقاندا تۆت دانە رېئاكتور ئېلېكتر تەلىپىمىزنىڭ %10 نى قامدىيالايدۇ. ئەسلىدە ئاككۇيۇدا بىر يەردە تۆت ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇردۇق دەپ ئويلىساق بولىدۇ» دېدى.

تۆت رېئاكتور تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى بولغان 2023-يىلىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى خىزمەت قىلىدۇ. تۆت رېئاكتورنىڭ ھەر بىرىدە 1200 مېگاۋات ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر