«1-شىمالىي ئېقىم» دە گاز يەتكۈزۈش قايتا باشلاندى
11-ئىيۇل (2022) باشلانغان رۇسىيە گازىنى گېرمانىيەگە توشۇيدىغان ئەڭ چوڭ تۇرۇبا يولى «1-شىمالىي ئېقىم» نىڭ ئاسراش خىزمىتى تاماملىنىپ، تەبىئىي گاز ئېقىمى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
1857648
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «1-شىمالىي ئېقىم» رۇسىيەدىن تۇرۇبا يولى بىلەن بالتىق دېڭىزى ئاستىدىن ئۆتۈپ گېرمانىيەگە يىلىغا 55 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىدۇ.
بازار ۋە شىركەتلەر 24-فېۋرال يۈز بەرگەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تۇرۇبا يولىنىڭ تاقىلىدىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ئەمما، تۇرۇبا يولىنى ئاسراش ۋە رېمونت ئىشلىرى پىلانلانغان ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
بۈگۈن (2022-يىلى 21-ئىيۇل) تۇرۇبا يولى ئېچىلغان دەسلەپكى مىنۇتلاردا سىستېمىغا 48 مىليون كۇب مېتىر گاز بېرىلدى.
سىغىمى كۈنىگە 160 مىليون كۇب مېتىر بولغان مەزكۇر تۇرۇبا يولى، تۇرۇبا رېمونت قىلىشتىن ئىلگىرى 65-60 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزەتتى.
بۇ جەرياندا، «1-شىمالىي ئېقىم» تۇرۇبا يولىدا گاز يەتكۈزۈش باشلىنىشى بىلەن، تەبىئىي گاز باھالىرى چۈشۈشكە يۈزلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.