تۈركىيە ماشىنسازلىق ساھەسىنىڭ ئېكسپورت سودىسى %8.3 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ماشىنسازلىق ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 5 ئېيىدا، 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8.3 ئېشىپ، 10 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى.

1846377
تۈركىيە ماشىنسازلىق ساھەسىنىڭ ئېكسپورت سودىسى %8.3 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماشىنسازلىق ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ماشىنسازلىق ساھەسى ئېكسپورت نىسبىتى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە (2022) ئەركىن سودا رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېساب بويىچە، 10 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ماي ئېيىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ماشىنسازلىق ساھەسى ئەڭ كۆپ گېرمانىيەگە، ئۇنىڭدىن قالسىلا ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەگە مال ئېكسپورت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر