دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان 12 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1844771
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى باش دىرېكتورى نگوزى ئوكونجو ئۋېئالا يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مىنىستىرلارنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۇزۇندىن بېرى بۇنداق كۆپ ساندا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۈنۈملەرگە شاھىت بولۇپ باقمىدى» دېدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان 12 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، ئىشتىراكچى مىنىستىرلارنىڭ بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ بېلىق تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش  توغرىسىدىكى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بېلىقچىلىق بەلگىلىمىسىنى قوبۇل قىلدى.

ئەزا دۆلەتلەر يەنە، كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىغا باراۋەر ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈۈش ئۈچۈن ۋاكسىنىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

يىغىندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مۇھىتتا يۆتكىلىشى جەريانىدا ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى قەرزىنى يەنە 2 يىل كېچىكتۈرۈش ۋە كەلگۈسىدىكى يەرشارى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر