ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم ئۆستۈردى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ( (FED ئۆسۈمنى 75 نومۇر ئۆرلىتىپ، %1.5 تىن %1.75 گىچە ئۆستۈردى.

1844225
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ( (FEDئۆسۈمنى 75 نومۇر ئۆرلىتىپ، %1.5 تىن %1.75 گىچە ئۆستۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ بۇ قېتىمقى 75 نومۇرلۇق ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى، 1994-يىلدىن بۇيانقى بىر قېتىمدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەڭ تېز ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ 1 گە قارشى 10 ئاۋاز بىلەن چىقىرىلغانلىقى، كانزاس سىتى (Kansas City) مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى ئېستىر جورجنىڭ (Esther George) 50 نومۇر ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

فېدېراتسىيە ئېچىۋېتىلگەن بازار كومىتېتىنىڭ (FOMC)ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە %2 لىك پۇل پاخاللىقىغا ئېرىشىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن فېدېرتسىيە فوند نىسبىتىنىڭ 1.75-1.50 ئارىسىدا ئۆسۈشىگە قارار قىلىنغانلىقى، داۋاملىشىۋاتقان ئۆسۈم ئۆسۈشلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر