لاگارد پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى رەئىسى كىرىستىن لاگارد، ياۋروپا مەركىزى بانكسىسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى يىغىنىدىن كېيىن ئامىستېردا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا توختالدى.

1841068
لاگارد پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى باشلىقى كىرىستىن لاگارد، پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ بارلىق كىشىلەرگە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ماي ئېيىدا ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، جۈملىدىن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆرلىگەنلىكىنى، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ۋە ۋە كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەر شارى سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ماددىي يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېنېرگىيە ۋە تاۋار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۆھپە قوشقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان لاگارد، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يۇقىرى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ زىيىنىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈنۈگۈنكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرمەسلىك قارارىنى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى باشقۇرۇش كېڭىشىنىڭ بىردەك ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لاگارد، 7-ئايدا 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پىلانىنىڭ بارلىقىنى، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرلىرىگە ئاساسەن، سېنتەبىردىمۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ياۋرو رايونىنىڭ 2022-يىللىق ئېشىش مۆلچەرىنى %3.7 تىن %2.8 كە، كېلەر يىللىق ئېشىش مۆلچەرىنى %2.8 تىن %2.1 گە تۆۋەنلەتتى. بانكا  2024- يىللىق ئېشىش مۆلچەرىنى %1.6 تىن %2.1 كە چىقاردى.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى بۇ يىلقى پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى 3-ئايدىكى %5.1 تىن %6.8 گە، كېلەر يىللىق پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى %2.1 تىن %3.5 كە، 2024- يىلدىكى %1.9 تىن %1.9 كە چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر