دۇنيا بانكاسى ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ئىلاۋە ياردەمنى تەستىقلىدى

دۇنيا بانكاسى ئۇكرائىنا ئۈچۈن 1.49 مىليارد دوللارلىق ئىلاۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1839948
دۇنيا بانكاسى ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ئىلاۋە ياردەمنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكاسى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىلاۋە ئىقتىسادىي ياردەم پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يېڭى ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ، دۇنيا بانكاسى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرگەن 4 مىلياردتىن ئارتۇق ياردەم پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، دۇنيا بانكاسى ئىجرا دىرېكتورلىرى كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنادىكى دۆلەت خىراجەتلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە، ئۇكرائىنا ئۈچۈن 1.49 مىليارد دوللارلىق ئىلاۋە ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ تەستىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىلاۋە ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت خادىملىرىنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دۇنيا بانكاسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاسنىڭ پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، دۇنيا بانكاسى گۇرۇھىنىڭ 24-فېۋرال باشلانغان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا، ئۇكرائىنا ۋە خەلقىنى ئىزچىل ياردەم قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا بانكاسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاس: «ئىقتىسادىي ياردەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىگە، مائارىپىغا ۋە ئىجتىمائىي قوغداشقا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ ئىلاستىكىلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر