ياۋروپا رۇسىيە نېفىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە

فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۇنو لې مايىر رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1838185
ياۋروپا رۇسىيە نېفىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۇنو لې مايىر «Cnews»، «Europe 1» ۋە «Les Echos» قاناللىرىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسىدا، رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئورنىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تولدۇرالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سۆھبەتلىرىمىزنى باشلىدۇق، رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا قارشى ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئېكولوگىيەلىك سېلىنمىلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقلىرىنى، سايلامدىن كېيىن تەكرار پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تېزلەشتۈرگۈچى قەدەملەرنىڭ بېسىلىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىغان قانۇننى كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ئوخشاش تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى بازارغا مەسئۇل ئەزاسى تېررىي برېتون (Thierry Breton): «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بالدۇرراق رۇسىيە گازىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى كېرەك. چۈنكى پۇتىن ياۋروپا لايىھەسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ پۇتىننىڭ تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىپ، ياۋروپالىقلارنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 6-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىدا، مۇشۇ يىلنىڭ (2022) ئاخىرىغىچە رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورتىنى %92 ئازايتىش ماددىسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر