تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە% 7.3 ئاشتى.
1835447

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە دائىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە مۆلچەردىكىدىنمۇ ھالقىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 7.3 ئاشقان.
ئەڭ كۆپ ئېشىش پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا پائالىيەتلىرى ساھەسىدە بولغان.
بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا پائالىيەتلىرى % 24.2، ئۇچۇر-ئالاقە پائالىيەتلىرى % 16.8، سانائەت پائالىيەتلىرى % 7.4 ئاشقان.