تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ماركا بولۇش ئۈچۈن تېز ئىلگىرىلىمەكتە

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى تېخنولوگىيەسىدە مۇھىم ماركا بولۇش يولىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1835173
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ماركا بولۇش ئۈچۈن تېز ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى تېخنولوگىيەسىدە مۇھىم ماركا بولۇش يولىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. شامالنى تۇتقىلى بولمايدۇ، ئەمما <تۈركىيەدە ياسالدى> (Made in Türkiye) دېگەن تۇربىنالار بىلەن ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇشنى ياىشى بىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر