ياپونىيە: رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش توختىتىلدى

ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىدىن بىرى بولغانEneos  گۇرۇھى رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1826890
ياپونىيە: رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:Eneos  گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى سائىتو تاكېشى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىركەتنىڭ، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى مالنىڭ ئاپرېلدا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەدىن يېڭى مال توشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە نېفىتىنىڭ Eneos گۇرۇھىنىڭ ئىمپورتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ% 5 كىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەت مەنبەلىرىگە يۈزلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  ياپونىيەنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان Idemitsu Kosan گۇرۇھىمۇ، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

توكيو ھۆكۈمىتى، 7 – گ گۇرۇھى  بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

بۇ دائىرىدە، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى تەدرىجىي ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر