خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى يۇقۇم تەدبىرلىرى چەت ئەل شىركەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە

تويوتا موتور شىركىتى شاڭخەيدىكى قاتتىق يۇقۇم تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى تۈپەيلى خىتايدىكى 14 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى 6 كۈنلۈك ئىشتىن توختىتىدىغان بولدى.

1825137
خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى يۇقۇم تەدبىرلىرى چەت ئەل شىركەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى كوۋىد-19 يۇقۇمىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرى ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تويوتا كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ 8 زاۋۇتىغا قاراشلىق 14 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى 6 كۈنلۈك ئىشتىن توختىتىدىغان بولدى.

ياپونىيە شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى توختىتىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ماي ئېيىدىكى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ  130 مىڭ تۆۋەنلەپ، 700 مىڭغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئاممىۋى مېدىيا شىركىتى«NHK» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خوندا، مىتسۇبىشى ۋە مازدانىڭ زاۋۇتلىرىمۇ ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر