ياپونىيە رۇسىيە نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى پىلانلىماقتا

ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازالار دائىرىسىگە نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

1824498
ياپونىيە رۇسىيە نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقنىڭ روھىغا ئاساسەن، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل قارار. ئەمما ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىقى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۈرلىرىدە «ياپونىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقلىرى»نى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر كىشىدا، «ساخالىن -1» ۋە «ساخالىن -2» تۈرلىرىنىڭ «ياپونىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى قەدەممۇقەدەم توختىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى، «ئاۋام ۋە سودا دۇنياسىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان پوزىتسىيە بىلەن، باسقۇچلۇق ھالەتتە (نېفىت ئىمپورتىنى) توختىتىمىز. ئەمما بىزنىڭ (تۈرلەردىكى) مەنپەئەتىمىزنى قوغداش پىلانىمىز داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر