ئىستانبۇلغا مارتتا 1 مىليون 156 مىڭ 400 چەتئەللىك ساياھەتچى كەلدى

خىتاي ساياھەتچىلەر تىزىملىكنىڭ ئاخىرىدىنمۇ ئورۇن ئالالمىدى.

1823594
ئىستانبۇلغا مارتتا 1 مىليون 156 مىڭ 400 چەتئەللىك ساياھەتچى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلغا مارتتا كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %112 ئېشىپ، 1 مىليون 156 مىڭ 400 گە يەتتى.

ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇلنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا 2 مىليون 904 مىڭ 460 چەتئەللىك ساياھەتچى زىيارەت قىلغان.

ئۆتكەن يىلى مارتتا 545 مىڭ 608 چەتئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان ئىستانبۇل بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا %112 لىك ئېشىش بىلەن 1 مىليون 156 مىڭ 400 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

ساياھەتچىلەردىن 1 مىليون 153 مىڭ 138 ى ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق شەھەرگە كەلگەن، 3 مىڭ 262 كىشى دېڭىز ئارقىلىق شەھەرنى زىيارەت قىلغان. شەھەرگە ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق كەلگەنلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %113 ئاشقان، دېڭىز ئارقىلىق كەلگەنلەرنىڭ سانى %12 ئاشقان.

ئىستانبۇلغا كەلگەن چەتئەللىكلەر ئىچىدە مارتتا ئىرانلىقلار 116 مىڭ 626 كىشى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

ئىرانلىقلاردىن  قالسىلا رەت بويىچە گېرمانىيەلىكلەر 92 مىڭ 194 كىشى بىلەن ئىككىنچى، رۇسىيەلىكلەر 90 مىڭ 394 كىشى بىلەن ئۈچۈنچى، ئىنگلىيەلىكلەر 42 مىڭ 355  كىشى بىلەن تۆتىنچى، ئىسرائىلىيەلىكلەر 40 مىڭ 120 كىشى بىلەن بەشىنچى، فىرانسۇزلار 40 مىڭ 119 كىشى بىلەن ئالتىنچى، ئامېرىكىلىقلار 36 مىڭ 801 كىشى بىلەن يەتتىنچى، ئىراقلىقلار 29 مىڭ 49 كىشى بىلەن سەككىزىنچى، گوللاندىيەلىكلەر 28 مىڭ 28  كىشى بىلەن توققۇزىنچى، كۇۋەيتلىكلەر 27 مىڭ 23 كىشى بىلەن 10 - بولغان.

خىتاي ساياھەتچىلەر تىزىملىكنىڭ ئاخىرىدىنمۇ ئورۇن ئالالمىغان.

ئىستانبۇلغا مارتتا 192 دۆلەتتىن ساياھەتچىلەر كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر