نەباتى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1820800
نەباتى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر نەباتى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان زىيارىتىمىز دائىرىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېپيېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر