موديس يەر شارى پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا كىرېدىت باھالاش ئورگىنى — مۇدي (Moodys)، يەرشارى پۇل پاخاللىقىنىڭ 2022- يىلى يەنىلا يۇقىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، 2023- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۆتىدىل ھالەتكە كېلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1818183
موديس يەر شارى پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇديس بايانات ئېلان قىلىپ، يېمەكلىك ۋە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ھەمدە 24 – فېۋرال باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە ئېغىرلىشىپ كەتكەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كاشىلىلارنىڭ تۈرتكىسىدە پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ تېخىمۇ روشەن بولىدىغانلىقىنى ۋە مۆلچەردىكىدىن ئۇزۇن داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىكى ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن پۇل پاخاللىقى مۆلچەرلىرىنىڭ خەۋپنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، پۇل پاخاللىقىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرلىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلەپ كەتكەن ھازىرقىدەك شارائىتتا دۆلەتلەرنىڭ كىرېدىت ئىناۋەتلىرىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا: «بىز 2022- يىلى يەر شارى پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، 2023- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوتتۇرھال سەۋىيەگە كېلىشىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز، پۇل پاخاللىقى خەۋپى يۇقىرى يۆنىلىشلىك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەگەر پۇل پاخاللىقى ھازىرقى ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاپ قالسا، دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ تەننەرخىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۇزۇن مۇددەتلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي خەۋپلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى قەي قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر