ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پۇل پاخاللىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى
ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ يىللىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋرو رايونىنىڭ 3 - ئايدىكى يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن %7.4 گە چىقىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2 - ئايدا %6.2 چىققان يىللىق پۇل پاخاللىقى مارتتا % 7.8 كە ئۆرلىگەن. ياۋرو رايونىنىڭ 2 – ئايدا %5.9 بولغان يىللىق پۇل پاخاللىقى مارتتا %7.4 يەتكەن.
ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى خاتىرىسى 1997 - يىلدىن باشلاپ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
شۇنداق قىلىپ، ياۋرو رايونىنىڭ مارت ئېيىدىكى پۇل پاخاللىق نىسبىتى، سانلىق مەلۇمات خاتىرىلىنىۋاتقان 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
ياۋروپادا ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىدىكى ئۆرلەش دىققەتنى قوزغىماقتا.