تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى فېۋرال ئېيىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى فېۋرال ئېيىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 25.4 ئېشىپ، 20 مىليارد 4 مىليون دوللارغا، ئىمپورتى % 44.5 ئېشىپ، 27 مىليارد 885 مىليون دوللارغا يەتتى.
1805095
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ ئېلان قىلغان فېۋرالدىكى تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئومۇمىي سودا سىستېمىسى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 25.4 ئېشىپ، 20 مىليارد 4 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئىمپورتى بولسا% 44.5 ئېشىپ، 27 مىليارد 885 مىليون دوللارغا يەتكەن.
فېۋرال ئېيىدا تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 135.5 ئېشىپ، 3 مىليارد 347 مىليون دوللاردىن 7 مىليارد 881 مىليون دوللارغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.