ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسۇف ئەلئۇتەيبى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1793375
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسۇف ئەلئۇتەيبى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — «ئوپېك»نى ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇسۇف ئەلئۇتەيبى بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىدىكى مۇقىملىقنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايمىز ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشىنى قوللايمىز ھەمدە ئوپېكنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز» دېدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئوپېك ۋە ئوپېك ئەزاسى بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان «ئوپېك+» گۇرۇپپىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشە پەسكۇيغا چۈشۈپ، نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى %13 تۆۋەنلەپ 110 دوللارغا چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر